كورېيە تىياتىرى «كۈلقىز»دىكى چولپانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

كورېيە تىياتىرى «كۈلقىز»دىكى چولپانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

GulzarKino 日韩男星 2023-07-31 17:17:14 101

كورېيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۈلقىز» (玻璃鞋)دا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلنىڭ كىچىكىدە بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىر بىر يەرگە جەم بولغان ھېكايىسى بايان قىلىنغان. بۇ تىياتىر يېڭى قويۇلغاندا ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، تىياتىرنىڭ «ئېقىن سۇ»دەك سۈزۈك ئاۋازدا ئېيتىلغان ناخشىسىمۇ بىزنى مەپتۇن قىلىۋالغان. بۈگۈن مۇشۇ تىياتىردىكى باش رولچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىمىز.

كىم خيۇنجۇ (金贤珠) ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ 1978-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، كورېيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ناخشىچى ھەم ئارتىس، 1998-يىلى «قاردىكى رودژېستىۋو بايرىمى» (下雪的圣诞节) ناملىق تىياتىر بىلەن تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان، 2002-يىلى «كۈلقىز» تىياتىردىكى ئى ساڭئو ئوبرازى بىلەن ھەممەيلەنگە تونۇلغان، ئۇ ئىسكىرىپكا، پىيانىنو چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى قىلالايدۇ. ئۇنىڭ بىر قېتىم ئۆسەك سۆزى چىققاندىن باشقا مۇھەببەت تارىخىمۇ يوق، تېخىچە بويتاق ئۆتۈۋاتىدۇ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «كۈلقىز»، «ئوردىدىكى رەھىمسىز تارىخ: گۈزەللەر ئۇرۇشى» (宫中残酷史:花儿战争)، «مىليونىرغا ياتلىق بولۇش» (嫁给百万富翁) قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ كورېيە مۇكاپات سەھنىسىدە ئۈچ قېتىم ئىسمى ئاتالغان.

كىم جىخو (金芝何) تىياتىردا ئايال باش پېرسوناژنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان ئارتىس، ئۇ 1974-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان، سىئول قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، 1997-يىلى KBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا تۇنجى تىياتىرى قويۇلغان، «كۈلقىز» تىياتىرى بىلەن جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرگە تونۇلغان، يولدىشى كىم خوجېن (金浩镇)مۇ بىر ئارتىس، ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «كۈلقىز»، «بويتاقلىققا قايتىش» (重返单身)، «ئاياللارنى چۈشەنمەك تەس» (不懂女人) قاتارلىقلار بار.


كىم گيۇرى (金圭丽تىياتىردىكى ئەڭ چوڭ سەلبىي ئوبرازنى ياراتقان، كىم گيۇرى 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان ئارتىس. 19 ياش ۋاقتىدا كورېيە مودا ژۇرنىلى «Figaro»نىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان، 1999-يىلى ۋەھىمىلىك كىنو «قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى قورقۇنچلۇق ھېكايىلەر 2» (女高怪谈2)دە باش رول ئېلىپ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان، ھەمدە مۇشۇ ئوبرازىغا تايىنىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسىرىدىن «يوڭجېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى» (英宰的全盛时代)، «كۆڭۈلدىكى سىر» (情有所衷) قاتارلىقلار بار. ئۇ «كۈلقىز» تىياتىرىدىكى شۆھرەتپەرەس، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان، زەھەرخەندە ئوبرازى بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ بىر مەزگىل باشقىلارنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرىغان، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇ ناھايتى خۇشخۇي، ئۆز قىزىقىشىدا چىڭ تۇرىدىغان ئايال، ئۇنىڭ كورېيە ئارتىسى كىم جۇخيۇك (金柱赫) بىلەن بىر مەزگىللىك مۇھەببەت تارىخى بار، ھازىرچە بويتاق.

 كىچىككىنە ئۈمۈدۈم ئەگەر مەزمۇننى ياقتۇرغان بۇلسىڭىز  ئاستىدىكى ئىلاننى  بىسىپ قۇيۇڭ 

取消

感谢您的支持鼓励,我会继续努力的!

文章地址:

用户邮箱:

打赏金额:USDT

点击”去打赏“,即可进行打赏支持本文章哦

发表评论